- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئامېرىكا ئافغانىستان زۇڭتۇڭىغا نۇرغۇن نەق پۇل بەرگەن
2013.05.07 15:37 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-چېسلا ۋاشىنگتوندىن بەرگەن خەۋىرى، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزاي 4-چېسلا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئۆتكەن 10 يىلدا ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ئىزچىل نەقپۇل بېرىپ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئۇنىڭغا بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق نەقپۇل بېرىشكە ۋەدە قىلغان. بۇ ئىش ئاشكارىلىنىشى بىلەن ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكىدا چوڭ غۇلغۇلا قوزغىدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا «نيۇيورك گېزىتى»دە، ئۆتكەن 10 يىلدا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت بەلگىلەش چەمبىرىكى ئىچىدىكى يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى قولغا كىرگۈزۈش، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى تەسىرىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلىپ، ھەر ئايدا دېگۈدەك نەق ئامېرىكا دوللىرى قاچىلانغان قول چامىدىنى، سومكا ياكى سۇلياۋ خالتىلارنى ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزاينىڭ ئىشخانىسىغا ئاپىرىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېچىپ تاشلىغانىدى. 10 يىل جەريانىدا كارزاينىڭ ئىشخانىسىغا ئاپىرىپ بېرىلگەن نەقپۇلنىڭ ئومۇمىي سوممىسى نەچچە مىليون دوللارغا يەتكەن. (ۋېن شيەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تىۋىشسىز پۇللىرى ئافغانىستاننىڭ يانچۇقىغا كىرمەكتە
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە