باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى: «بىر پىراۋا بىلەن ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ ماشنىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ» دەپ چۈشىنىش خاتا

2013.05.07 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، تاراتقۇلار «ج خ مىنىستىرلىقى ‹بىر پىراۋا بىلەن ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ ماشىنىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىىشىنى بىر تەرەپ قىلىش›قا رۇخسەت قىلدى» دەپ خەۋەر بەرگەندىن كېيىن، ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ گەپ ئايرىم تاراتقۇلارنىڭ خاتا چۈشىنىشىدىن پەيدا بولغان، دەپ كۆرسەتتى.

  ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دەپ تەكىتلىدى، ھەر قانداق ئادەمنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش ئۈچۈن تارتىلىدىغان نومۇرنى سېتىشى ياكى سېتىۋېلىشى قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ، «نومۇر ئېلىش-نومۇر سېتىش» قىلمىشىنىڭ بىرى بايقالسا بىرى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. نۆۋەتتە ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى «نومۇر ئېلىش-نومۇر سېتىش» قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت مىخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، تەكشۈرۈش تەرتىپىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرمەكتە. قاتناش باشقۇرۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ شىنلاڭ مىكرو بىلوگ سوپىسىدىكى «قاتناش بىخەتەرلىكى مىكرو ئۇچۇرلىرى» بىلوگىدا قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلەرنى بىرىپ، ياخشى، مەدەنىي قاتناش مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. (جاڭ ياڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: يېڭى قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى يولغا قويۇلدى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە