باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بېنگال دۆلىتىدىكى ئىسلام پارتىيەسى نامايىش قىلدى(1)

2013.05.07 14:15   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

بېنگال دۆلىتىدىكى ئىسلام پارتىيەسى نامايىش قىلدى(1)

  ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 6-ماي تارقاتقان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بېنگال دۆلىتىنىڭ پايتەختى داكادا 5-ماي نامايىش قىلىپ كۈچ كۆرسىتىش پائالىيتى پارتلىغان ھەم ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇشقا ئۆزگىرىپ كېتىپ، ئاز دېگەندە يەتتە ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى 60 نەچچە ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  نەچچە يۈز مىڭ ئېتىراز بىلدۈرگۈچى داكا شەھىرىنىڭ مەركىزىگە يىغىلىپ، ئەر ئاياللارنىڭ تائىپىسىنى پەرقلەندۈرۈپ ئىسلام ئەقىدىسىنى قاتتىق يۈرگۈزۈشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلار «ئاللا ھەممىگە قادىر»، «بىر نىيەت! بىر تەلەپ! دىنسىزلار چوقۇم ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك» دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلاپ، داكادىكى بىر قانچە ئاساسلىق قاتناشنىڭ غول يوللىرىنى توسىۋەتتى ھەم يول بويىدىكى دۇكان ۋە ماشىنىلارغا ئوت قويۇۋەتتى.

  يەرلىك ساقچىلار سۇ پۈركۈگىچى، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە كاۋچۇڭ ئوقى بىلەن كۆلىمى زور بولغان ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنى تارقىتىۋەتتى. 6-ماي ئەتىگەندە، ساقچىلار باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بىخەتەرلىك قىسمى نامايىش پارتلىغان رايوننى كونترول قىلىپ، ئەتراپتىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىچىگە يۇشۇرنىۋالغان نامايىشچىلارنى ئىزدىگەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە يەتتە ئادەم قازا قىلىپ، 60 ئادەم يارىلانغان.

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز