باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

ئامېرىكىلىق بىر ئانا توققۇز ئاي ئىچىدە ئۈچ قىز بوۋاق يەڭگىدى

2013.05.06 16:02   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئامېرىكىلىق بىر ئانا توققۇز ئاي ئىچىدە ئۈچ قىز بوۋاق يەڭگىدى

  ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مانچېستېردا Tessa Singh ئىسىملىك بىر ئانا تۆت يىل ئىلگىرى توققۇز ئاي ئىچىدە ئۈچ قىز بوۋاق يەڭگىگەن بولۇپ، ھازىر ئۇلار تۆت ياشقا كىرگەن. ھەيران قالارلىقى شۇكى، بۇ ئۈچ قىز ئۈچكېزەك بولماستىن، بەلكى ‹‹بىر ئاچا›› ۋە ئىككىكېزەك ‹‹سىڭىللار›› ئىكەن. بۇ ئۈچ قىزنىڭ قىلىقلىرى بىر بىرىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۈچكېزەكتىن پەرقلەنمەيدىكەن.

  2008-يىلى 7-ئايدا، Tessa Singh ئوڭۇشلۇق ھالدا چوڭ قىزى سارانى يەڭگىگەن. Tessa Singh ئەر -ئايال بالىلىرىنىڭ ياش پەرقىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىپ، قىزى سارا ئۈچ ئايلىق بولغاندا، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە يېتىشتۈرۈپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھەمدە ھامىلە 12 ئايلىق بولغاندا ھامىلىنىڭ قوشكېزەك ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئەر-ئايال ئىنتايىن ھەيران قالغان. 2009-يىلى 4-ئايدا، Tessa Singh ئوڭۇشلۇق ھالدا قوشكېزەك يەڭگىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز