باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تۆت تورداش مىكروبىلوگدا ئۆسەك سۆز تارقاتقانلىقتىن بەش كۈن تۇتۇپ تۇرۇلدى

2013.05.08 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 6-ماي، شىنجاڭ كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تور بىخەتەرلىك بۆلۈمى توردا يالغان ئۇچۇر تارقاتقان تۆت نەپەر كورلىلىق تورداشقا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن بەش كۈن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىشنى قارار قىلدى.

  5-ماي، شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ ئادەتتىكى ئامانلىق دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيەر-بۇيەردىن ئاڭلىغان ئۇچۇرنى تېڭشۈن مىكرو بىلوگىدا «بوستان بازىرىدا يەنە ئىككى ئادەمنى چانىۋەتتى» دەپ ساختا ئۇچۇر تارقاتقان. شۇ كۈنى شەھەر ئاھالىسى ما X، تۇ X ، لى X ئۈچەيلەنمۇ بۇ خىلدىكى ساختا ئۇچۇرنى توردا تارقاتقان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋاڭ X قاتارلىق تۆتەيلەن شىنجاڭ كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تور بىخەتەرلىك بۆلۈمى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە چاقىرتىلغان. ج خ ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، تۆت ئادەمنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرى ساختا ئۇچۇر ئىكەن. نۆۋەتتە ۋاڭ X قاتارلىق تۆت ئادەمگە ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن مەمۇرىي جەھەتتىن بەش كۈن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  ساقچى تەرەپ كەڭ شەھەر ئاممسىىنى قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پىتنە-ئىغۋالارغا ئىشەنمەسلىك، پىتنە-ئىغۋا تارقاتماسلىقنى ئاڭلىق ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاگاھلاندۇردى. ئەگەر پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرلارنى بايقىغاندا ج خ ئورگانلىرىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە