باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاكسى باھاسى ئۆرلىگەندىن كېيىن...

2013.05.09 16:47         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ قېتىمقى تاكسىلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان باھا تەڭشەشتە ھۆكۈمەت ئاساسلىقى ئۈرۈمچىدىكى تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئەمگەك سىجىللىقىنىڭ يۇقىرى، كىرىمىنىڭ تۆۋەنرەك بولۇۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتقان بولۇپ، باھا تەڭشەلگەن بۇ بىر ئايدىن بۇيانقى ئەمگەك سىجىللىقى ۋە كىرىم ئەھۋالى ھەققىدە مۇخبىر نۇرغۇن تاكسى شوپۇرىنى زىيارەت قىلدى. كۆپ سانلىق شوپۇرنىڭ مۇخبىرغا بەرگەن جاۋابى ئوخشاش بولۇپ، باھا تەڭشەلگەن بۇ بىر ئاي ئىچىدە، ئۇلارنىڭ كىرىمىدە ئېشىش بولغان، ئەمما، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈم ھەققىدە كېسىپ بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىكەن.

  ــ باھا تەڭشەلگەندىن كېيىن ھەر كۈنى بۇرۇنقىدىن 40~50 يۈەن ئارتۇق تاپىدىغان بولدۇم، مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا ئايدا كىرىدىغان كىرىم بۇرۇنقىدىن 1000 يۈەندىن كۆپ ئاشىدىكەن،-دېدى تاكسى شوپۇرى ما ۋەنجۈن. بىراق، يەنە نۇرغۇن شوپۇر زىيارەت داۋامىدا مۇخبىرغا باھا ئۆسكەن بولسىمۇ گاز تولۇقلىما پۇلىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى، تاكسىغا چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ بولۇپمۇ، تاكسىغا كۆپ چىقىدىغان ئادەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بارا-بارا تاكسىغا ئولتۇرمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، شۇڭا، يەنىلا ئەنسىرەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە