باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن قانۇن لايىھەسى ئىمزالاپ، ئەمەلدارلارنىڭ چەت ئەل بانكىلىرىدا ھېساب ئېچىشىنى چەكلىدى

2013.05.08 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 7-چېسلا قانۇن لايىھەسى ئىمزالاپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلارلىرىنىڭ چەت ئەل بانكىلىرىدا ھېساب ئېچىشى ۋە ئاكسىيە سېتىۋېلىشىنى مەنئىي قىلدى. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن باشقا، مەزكۇر مەنئىي قىلىش بۇيرۇقى يەنە خىزمەتتىكى سوتچىلار، پارلامېنت ئەزالىرى، ھەربىيلەر، تەپتىشلەر، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى، شەھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئەمەلدارلار، ھەمدە زۇڭتۇڭ سايلىمى، ئىشتات باشلىقلىرى سايلىمى، فېدېراتسىيە ۋە رايونلۇق دۇمانىڭ پالامېنت ئەزالىرى سايلىمى، فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىغا قاتنىشىدىغان نامزاتلارغا تەتبىقلىنىدۇ. قانۇن لايىھەسىدە چەت ئەل بانكىلىرىدا ھېساب ئېچىپ پۇل ۋە قىممەتلىك مېتاللارنى ساقلاش مەنئىي قىلىنغاندىن سىرت، يەنە ھەر قانداق شەكىلدىكى چەت ئەل پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىغا ئىگە بولسا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەندى، بۇلار ئاكسىيە ۋە پۇل مۇئامىلە ھاسلىي مەھسۇلاتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە