باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى باھالاش چارىسىنى بېسىپ تارقاتتى

2013.05.09 09:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى يېقىندا ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى باھالاش چارىسىنى بېسىپ تارقىتىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يىللىق ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاش ئەھۋالىنى باھالاپ، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوت ئاپىتىنىڭ زىيىنىنى يېنىكلىتىش؛ ئاممىۋى ئوتتىن موداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

  چارىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى:يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئۆز رايونىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى؛ بۆلۈپ باشقۇرىدىغان مەسئۇل كىشى ئاساسلىق مەسئۇل كىشى. باھالاش خىزمىتىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى باشلامچى بولۇپ،مەركىزىي جەمئىيەتنى ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇش ئىشخانىسى، تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ئۆي شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىلەن باھالاش خىزمىتى گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  چارىگە ئاساسەن، باھالاش نەتىجىسىنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەستىقلىغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ھەر قايسى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا ئۇقتۇرىدۇ. باھالاش نەتىجىسى مۇنەۋۋەر بولغانلارنى تەقدىرلەيدۇ. ئالاقىدار تارماقلارغا ئالاقىدار تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئېتىبار بېرىدۇ. نەتىجىسى لاياقەتسىز بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇقتۇرۇش قىلىنغاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە يازما دوكلات قىلىشى كېرەك. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەستىقلىغاندىن كېيىنكى باھالاش نەتىجىسىنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ كادىرلارنى باشقۇرۇش تارماقلىرىغا تاپشۇرۇپ، ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى ئۇنىۋېرسال باھالاشنىڭ مۇھىم ئاساسىي قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە