باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاراتقۇلارنىڭ ساختا، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خەۋىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ئۇقتۇرۇلدى

2013.05.08 16:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات رادىئو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى شېنجېندا بىر قىز كوچىدا مېيىپ تىلەمچىگە تاماق يىگۈزۇپ قويدى ، تەبىئىي گاز باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلەيدۇ، سەرگەردان كىشى ئۆيى چېقىلىش سەۋەبىدىن باي بولۇپ كەتتى دېگەن تاراتقۇلارنىڭ ساختا،ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خەۋىرىنى نەزەردە تۇتۇپ ، 7-ماي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى. ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھەر قايسى تاراتقۇلار تەكشۈرۈپ بېكىتىلمىگەن جەمئىيەتتىكى ئىختىيارى مۇخبىرلار تەمىنلىگەن خەۋەرلەر ۋە تور ئۇچۇرلىرىنى بېسىش، يۆتكەپ بېسىش، ئاڭلىتىشقا بولمايدۇ. نوپۇزلۇق ئەربابلار ، ئالاقىدار زاتلار، خەۋەرچى ئەربابلار قاتارلىق ئۇقۇمى چۈشىنىكسىز بولغان خەۋەرلەر مەنبەسىنى ئىشلەتسە بولمايدۇ.

  دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات رادىئو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى گېزىت ژۇرنال باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەر قايسى ئاخبارات ئورۇنلىرى بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، زىيارەت قىلىش، تەھرىرلەش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، بېسىش قاتارلىقلارنى ئىچكى قىسىمدا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاخىرقى بېكىتىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۇندىن باشقا يۇقىرىقى خەۋەرنى تارقاتقان ئۈچ ئاخبارات ئورنى ئىچكى قىسىمدا تەرتىپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يوچۇقنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى. جەمئىيەتتىن كەلگەن ماقالە ئورىگىنالىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك جەريانىنى باشقۇرۇش ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنى تەربىيىلەش، مۇخبىرلىق، تەھرىرلىكنى قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە