باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ يۇقىرى يېڭى پەن ـ تېخنىكا كەسپى ئۆمەك تەشكىللەپ قازاقىستان تاۋار يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدۇ

2013.05.09 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  24-مايدىن 27-مايغىچە قازاقىستاندا ئۆتكۈزىلىدىغان11- نۆۋەتلىك قازاقىستان ــ جۇڭگو تاۋار يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ يۇقىرى يېڭى پەن ـ تېخنىكا كەسپى تۇنجى قېتىم ئۆمەك تەشكىللەپ قاتنىشىدۇ. بۇ ئارقىلىق قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەردىكى ھەر ساھە زاتلىرىغا شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلات بىئولوگىيەسى ۋە مىللىي دورىگەرلىك، ئېلېكتىر ـ ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.

  5-ماي، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ئىقتىسادىي تەرەققىيات كومىتىتىنىڭ خىزمەتچىسى ليۇ يەنپېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك قازاقىستان يەرمەنكىسىگە يۇقىرى، يېڭى پەن ـ تېخنىكا كەسپى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى كەسىپ رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئۆمەك تەشكىللەپ قاتنىشىدۇ. يەرمەنكە كۆلۈمى 108 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. يۇقىرى، يېڭى پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات (يېڭىشەھەر رايونى) ئۆز رايونىنىڭ كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىنى ئېچىش ئىستىقبالىغا ئىگە بولغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرىنى يەرمەنكىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى، يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغان كارخانىلاردىن شىنجاڭ يىڭپەي بىئو پەن ـ تېخنىكىسى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قاتارلىق سەككىز بىئو ۋە مىللىي دورىگەرلىك كارخانىلىرى شۇنداقلا بىر ئېلېكتىر ئۇچۇر كارخانىسى بۇ يەرمەنكىگە قاتنىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە