باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيەدە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تەسىرى ئەڭ زور ئوڭ قانات تېررورلۇق تەشكىلاتى جازالىنىشقا دۇچ كەلدى

2013.05.08 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېرلىندىن بەرگەن خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 6-چېسلا، گېرمانىيەدە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تەسىرى ئەڭ زور بولغان ئوڭ قانات تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىغا ميۇنخىندىكى باۋارىيا ئالىي سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىلدى. بېت جەيىپكە قاراشلىق ئوڭ قانات تېررورلۇق تەشكىلاتى «دۆلەت سوتسىيالىزم مەخپىي پارتىيەسى» 10 قېتىملىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى ۋە ئىككى قېتىملىق پارتلىتىش ھۇجۇمى دېلوسى، بانكا بۇلاش دېلوسى ۋە كۆپ قېتىملىق ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىنغان. قەسىتلەپ ئۆلتۈرۈلگەن 10 ئادەم ئىچىدە 8 نەپەر تۈركىيەلىك، 1 نەپەر گىرېتسىيەلىك شۇنىڭدەك 1 نەپەر ساقچى بار.

  دېلو 2000-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن بولۇپ، ساقچى تەرەپ ئەينى يىلى تەكشۈرگەندە، ئوڭ قانات تېررولۇق تەشكىلاتىدىن گۇمانلانمىغان، ئەكسىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قارا جەمئىيەت بىلەن ئالاقىدار بولغاچقا قەستكە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئىزچىل جەمئىيەتنىڭ بېسىمىدە ياشاپ كەلگەن. 2011-يىلىنىڭ ئاخىرى، «دۆلەت سوتسىيالىزم مەخپىي پارتىيەسى»نىڭ ئىككى خادىمى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان، مەزكۇر تەشكىلات پەيدا قىلغان بىر قاتار قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلولىرى ئاشكارىلىنىپ، جەيپمۇ گۇناھىنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلانغان. ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ دېلو گېرمانىيە جامائەتچىلىكى ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان. (جېڭ خۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە