باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھازىرقى موڭغۇليە زۇڭتۇڭى سايلام نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى

2013.05.08 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي ئۇلانباتۇردىن بەرگەن خەۋىرى: موڭغۇليەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان موڭغۇلىيە دېموكراتىيە پارتىيەسى مەملىكەتلىك كېڭىشى 7-چېسلا ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئىلبىگدورجىنى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نامزاتى قىلىپ كۆرسىتىشنى قارار قىلدى. بۇندىن بۇرۇن، موڭغۇلىيە خەلق پارتىيەسى ۋەكىللەر يىغىنى دۆلەت كېڭىشى ئەزاسى باتمانىڭبۇ باتئىردىننى مەزكۇر پارتىيەگە ۋاكالىتەن پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەنىدى.

  موڭغۇلىيە پارلامېنت تۈزۈمىدىكى دۆلەت، زۇڭتۇڭ دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبىرى ھەم قوشۇمچە قوراللىق كۈچلەرنىڭ باش قوماندانى ھېسابلىنىدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى 4 يىل بولۇپ، ئۇدا يەنە بىر نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتەشكە بولىدۇ. (مۇخبىر خو ۋېن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە