باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

بۇ يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ توققۇز تۈرلۈك مۇھىم نۇقتىسى بېكىتىلدى

2013.05.07 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  62 مەمۇرىي تەستىق تۈرى بىكار قىلىندى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى

  ● خامچوت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خېيىم-خەتىرىنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

  ● ئۆسۈم نىسبىتى بىلەن پېرېۋوت نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى تەدبىرلىرىنى پۇختا قەدەمدە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، خەلق پۇلى كاپىتالى تۈرلىرىدە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان مەشغۇلات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش

  ● تارماق تۆمۈريول لىنىيەلىرى، شەھەر ئارا تۆمۈريول ۋە بايلىق ئېچىش خاراكتېرلىك تۆمۈريوللارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، تىجارەت ھوقۇقىنى باشلامچى بولۇپ جەمئىيەت كاپىتالىغا قارىتا ئېچىۋېتىش

  ● ئەڭ قاتتىق بولغان يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېمەكلىك-دورىلارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى ۋە بىخەتەرلىك ئىجازىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، 6-چېسلا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى چاقىرىلدى، يىغىندا 2013-يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يەنە بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، خېيىم-خەتەرنى تۈگىتىش، جۇڭگو ئىقتىسادىنى تىرىشىپ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشتە، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتىن كۈچ سەرپ قىلىشقا، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشقا جىددىي توغرا كېلىۋاتىدۇ. توغرا ئىگىلەنگەن، شارائىتى ھازىرلانغان، بىرى ئارقىلىق كۆپنى يېتەكلىگىلى بولىدىغان ئىسلاھات تۈرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۇتقان ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ، ئىسلاھاتنىڭ تۈزۈم پايدىسىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە