- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئادەتتىكى تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توردا مەسلىھەت سوراش ھەپتىلىكى باشلاندى
2013.05.08 16:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «2013-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توردا مەسلىھەت سوراش ھەپتىلىكى» 8-ماي «قۇياش نۇرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» ئۇچۇر مۇلازىمەت تورىدا رەسمىي باشلاندى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزو تولدۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ يىل توردا مەسلىھەت سوراش پائالىيىتى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئۆتكۈزۈلىدۇ، بىرىنچى باسقۇچ 8-مايدىن 10-مايغىچە؛ 2-باسقۇچ 10-ئىيۇندىن 14-ئىليۇنغىچە؛ 3-باسقۇچ 24-ئىيۇندىن 28-ئىيۇنغىچە بولۇپ، ھەركۈنلۈك مەسلىھەت سوراش ۋاقتى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9دىن 17گىچە بولىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە