باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىياۋيۈ ئارىلىنىڭ دېڭىز تەۋەلىك ئۇل سىزىقى خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن كېلىدۇ

2013.05.08 16:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 7-ماي ئېچىلغان قەرەرلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دىڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىمىلەرگە ئاساسەن، دىياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللارنىڭ دېڭىز تەۋەلىك ئۇل سىزىقىنىڭ ئالاقىدار خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇن كىلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ پارلامېنتقا تاپشۇرغان 2013-يىللىق «جۇڭگوغا ئائىت ھەربىي ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك تەرەققىياتى دوكلاتى»دا جۇڭگونىڭ 2012-يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلغان دىياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللارنىڭ دېڭىز تەۋەلىك ئۇل سىزىقى خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دېيىلگەن، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟ دېگەن سوئالىغا خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى: دىياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللار ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى، جۇڭگو بۇنىڭغا قارىتا مۇتلەق ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە. ئامېرىكا تەرەپ نۇرغۇن قېتىم جۇڭگو بىلەن ياپونيەنىڭ زىمىن تالاش-تارتىشى مەسىلىسىدە تەرەپ تاللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بىز ئامېرىكىنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنىڭ بىردەك بولۇشىنى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز-ئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىقىغا، رايون تىنچىلىقى ۋە مۇقىملىقىغا پايدىلىق ئشىلارنى كۆپرەك قىلىشىنى، خاتا سىگنال چىقارماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە