خەلق تورىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 6-ماي، لۇشەن ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇراسىمىدا، ئوقۇغۇچىلار ۋە پىدائىيلار قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ كەلگۈسى ئۈچۈن تىلەك تىلىدى. شۇ كۈنى، يائەن ئاپەت رايونىدىكى 329 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، 7 ئوتتۇرا تېخنىكۇم، كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۇمۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلدى.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، سىچۈن ئۆلكىسى لۇشەن ناھىيەسىدىكى «20-ئاپرېل» 7 بال يەر تەۋرەشتە يائەن شەھىرىدىكى 357 باشلانغۇچ مەكتەپ زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، پۈتۈن شەھەر بويىچە 329 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ تەسىرگە ئۇچراپ، ئوقۇشنى توختاتقان. يائەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار مۇخبىرغا يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاختايدىن قۇرۇشتۇرۇلغان ئۆيدە دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. نۆۋەتتە تېخى تاختايدىن قۇراشتۇرغان ئۆينى سالمىغان ئاپەت رايونىدىكى مەكتەپلەر ئىشخانا، پۇقرالارنىڭ ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بەي يۈ فوتوسى)