باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ما يىڭجيۇ سايلامغا قاتنىشىپ رەئىس بولغاندىن كېيىن «ئاقساپ» قېلىشنى خالىمايدۇ

2013.05.08 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل تەيۋەننىڭ سايلام يىلى بولۇپلا قالماي، گومىنداڭنىڭ رەئىسىنى سايلاش ئارالدىكى مۇھىم سىياسىي ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئادەتتىكى سايلامنىڭ ئەڭ قىزىق نۇقتىسى ئېلىشىش جەريانى ۋە نەتىجىسى بولىدۇ، لېكىن گومىنداڭنىڭ رەئىسىنى سايلاش بۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.

  نۆۋەتتە، گومىنداڭنىڭ ھازىرقى رەئىسى ما يىڭجيۇ بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شيې كۇنخۇڭنىڭ سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقى ئېنىق بولدى. تەيۋەن جامائەتچىلىكى ما يىڭجيۇ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەشتىن تەشۋىشلەنمەيدۇ، دەپ قىياس قىلىشماقتا. تەشۋىشسىز سايلامنىڭ نېمە قىزىقى بولسۇن؟ لېكىن، ئۆتكەن يىلى ما يىڭجيۇ سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر، كىچىككىنە شامال دېڭىزنى تەۋرەتكەندەك ئامما ۋە تاراتقۇلار بۇنىڭغا ئىنتايىن دىققەت قىلماقتا.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە