باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«نۇڭفۇ بۇلىقى» ماركىلىق مىنېرال سۇ تاللاپ تەكشۈرۈشتە %100 لاياقەتلىك بولدى

2013.05.09 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جېجياڭ ئۆلكىلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ شياۋلىن 8-چېسلا مۇخبىرغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجوۋ شەھەرلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى نۇڭفۇ بۇلىقى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ جيەندې، چۈنئەن قاتارلىق جايلاردىكى 6 زاۋۇتىدا نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ئېلىپ باردى ھەمدە تۆت تۈركۈمدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلاردىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈردى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى تولۇق لاياقەتلىك چىقتى.

  جوۋ شياۋلىن مۇنداق دېدى: «2009-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى نوڭفۇ بۇلىقى ماركىلىق قۇتىلىق تەبىئىي ئىچىملىك سۈيىنى 19 تۈركۈم قېتىم تەكشۈرگەن، نەتىجىدە %100 لاياقەتلىك چىققان؛ يېقىنقى ئۈچ يىلدا خاڭجوۋ شەھەرلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى يەنە 38 تۈركۈم قېتىم تاللاپ تەكشۈرگەندىمۇ نۇڭفۇ بۇلىقى قۇتىلىق تەبىئىي ئىچىملىك سۈيى ئوخشاشلا لاياقەتلىك چىققان». (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە