باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو ھىندىستان مۇناسىۋىتى مۇقىملىشىش ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىدى(1)

2013.05.10 09:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9- 10-ماي، ھېندىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى كۇرشىد جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولدى، ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىككى تەرەپلىك، رايون ۋە دۇنياۋىي مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى شۇنداقلا جۇڭگو گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كىچاڭنىڭ ھىندىستانغا زىيارەتكە بېرىش ئىشىنى ئۆز-ئارا كېڭىشتى. جۇڭگو بىلەن ھىندىستان چىگىرىدا تىركىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، ھىندىستاننىڭ ئۆكتىچى پارتىيەسى، ساقچى تەرەپ، تاراتقۇ قاتارلىقلار بىر مەھەل ھۆكۈمەتكە بىسىم ئىشلىتىپ، دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ زىيارەت قىلىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان، يېقىندا، يەنە ئاتالمىش «جۇڭگو ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئەزەلدىن قانائەتلىنەرلىك تارىخ بولۇپ باقمىغان» دېگەندەك سەپسەتىلەر پەيدا بولۇشقا باشلىغان. بۇ خىل كۆپ قاتلاملىق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، خۇرشىدنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى، جۇڭگو ھىندىستان مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇقىملىشىش ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىغانلىقى، شۇنداقلا ھىندىستان جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

  جۇڭگو بىلەن ھىندىستان مۇھىم قوشنا دۆلەتلەردىن بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدا چىگرا، شىزاڭ مەسىلىسى قاتارلىق تارىختىن بۇيان قىلىپ قالغان مەسىلىلەر بار شۇنداقلا چىگرا ئاتلىغان سۇ بايلىقى قاتارلىق ئىھتىلاپلىرى بار. يەنە كېلىپ بىر قىسىم چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سالغانلىقى ئۈچۈن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن ئىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ھىندىستاندىن ئىبارەت شەرقتىكى بۇ ئىككى نوپوسى كۆپ دۆلەت يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەت بولۇپ كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. غەرپ بۇنى ئەجدىھا بىلەن پىلنىڭ كۈرىشى دەپ گەپ ياغدۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق جۇڭگو ھىندىستان مۇناسىۋىتىگە دەز يەتكۈزمەكچى بولدى. بۇنداق ۋەزىيەتتە، جۇڭگو ھىندىستان ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرى بولغان بىلەن مۇناسىۋەتكە قانداق قاراش، قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ئىككىلا تەرەپ يولۇققان مۇھىم تېما بولۇپ قالدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە