باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بېنگالدىكى بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 803كە يەتتى

2013.05.09 16:52         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى 8-ماي تېلېگراممىسى: چەت ئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بېنگال پايتەختى داككانىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىدا 24-ئاپرېل يۈز بەرگەن بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى نۆۋەتتە 800 دىن ئاشقان.

  قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل ھەربىي لېيتېنات راببىنىڭ ئېيتىشىچە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى خارابىلىك ئىچىدىن ئاللىقاچان 790 كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپقان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 13 يارىدار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.

  شۇ يەر ۋاقتى 24-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزلاردا، ساۋال شەھىرىدىكى بەش كىيىم تىكىش زاۋۇتى بار بىر كورپۇس بىنا بەش مىنۇت ئىچىدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، ئەينى چاغدا بىنا ئىچىدە 3000دىن كۆپ ئىشچى ئىشلەۋاتقان ئىكەن. مەسئۇل خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە تازىلاش خىزمىتىنىڭ %70ى تاماملانغان بولۇپ، تېخى بىنانىڭ 1-قەۋىتىگە كەلمىگەن، شۇڭا، قازا قىلغۇچىلارنىڭ سانى يەنىمۇ ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە