شۇ يەر ۋاقتى 8-ماي، ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى خىماچال ئۆلكىسىدە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر ئاپتوبۇس دەرياغا چۈشۈپ كېتىپ، ئاز دېگەندە 33 ئادەم قازا قىلغان.
ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھادىسە خىماچال ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىي شەھىرى بولغان سىملاغا 250 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى بىر ئارامگاھتا يۈز بەرگەن. ئەينى چاغدا ئاپتوبۇسقا يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئىككى نەپەر مۇخبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60تىن كۆپ يولۇچى ئولتۇرغان بولۇپ، ئاپتوبۇس كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز تېيىلىپ، يول بويىدىكى شىددەتلىك ئېقىۋاتقان دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن. شوپۇر ئاپتوبۇس دەرياغا چۈشۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ئاپتوبۇستىن سەكرەپ جېنىنى ئەپقاچقان.
ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، يەرلىك ساقچىلار دەرھال قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان، نۆۋەتتە، دەريادىن 33 كىشىنىڭ جەسىتى سۈزۈۋېلىنغان، يارىلانغانلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىلغان. ئەينى چاغدا ئاپتوبۇسقا نۇرغۇن ئادەم ئولتۇرغان بولغاچقا، قازا قىلغان ياكى يارىلانغانلارنىڭ سانى يەنىمۇ ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.