باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

2013-يىلى شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا قىز، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى ئۆز مەيلىچە بېكىتسە بولمايدۇ

2013.05.09 09:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئوقۇغۇچىلار 2013-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلماقتا
  7-ماي، شىنىجاڭنىڭ ‹‹2013-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى خىزمەت بەلگىلىمىسى›› رەسمىي ئېلان قىلىندى، بەلگىلىمىدە تۇنجى قېتىم ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا قىز، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى ئۆز مەيلىچە بېكىتىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقى تەلەپ قىلىندى.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ‹‹بەلگىلىمە›› دە ‹‹تىزىملىتىش ۋە ئارزۇ تولدۇرۇش››، ‹‹ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلېكترونلۇق ئارخىپى››، ‹‹ئىدىيىۋى سىياسەت ئەخلاق نەتىجىسى›› قاتارلىق 14 تەرەپتىكى ئېنىق، تەپسىلىي تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۇنىڭدىن باشقا، 2013-يىللىق ‹‹بەلگىلىمە›› دە يەنە سەنئەت تۈرىدىكى مۇزىكا كەسپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  ‹‹بەلگىلىمە›› دە تۇنجى قېتىم ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئۆز مەيلىچە قىز، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى بېكىتىشكە يول قويۇلمايدىغانلىقى، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ چوقۇم ئالاقىدار قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ‹‹بەلگىلىمە›› دە يەنە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئېتىبار بېرىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ بىرتۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ئومۇمىي نومۇرىغا يەنە 20 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە