باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2012-يىلى مەملىكەت بويىچە مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ راسخوت چىقىمى نىشانغا يەتتى

2013.05.10 09:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2012-يىلى، مەملىكەت بويىچە مالىيە خارەكتىرلىق مائارىپ راسخوت چىقىمى 2تىرىليۇن 200مىليارد يۈەن بولۇپ، «مائارىپ پىلانى پرۇگراممىسى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۆلەتنىڭ مالىيە خارەكتىرلىق مائارىپ راسخوت چىقىمىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومىي قىممىتىدا ئىگىلىگەن نىسپىتىنى %4گە يەتكۈزۈش نىشانى ئۆز ۋاقتىدا ئىشقا ئاشتى.

  مەجبۇرىي مائارىپنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، 2012-يىلى مەركەز مالىيەسىدىن يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى راسخوتىغا كاپالەتلىك قىلىش مىخانىزىمى ئىسلاھاتى مەبلىغىغا 86مىليارد 540مىليۇن يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن 120مىليۇن ئوقۇغۇچى پارچە ئوقۇش خىراجىتى ۋە دەرسلىك كىتاپ تەمىناتىدىن ھەقسىز بەھرىمان بولدى، ئوتتۇرا غەربىي رايونلاردىكى تەخمىنەن 13مىليۇن 330مىڭ ئائىلىدىكى ئىقتىسادى ناچار مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى ياردەمگە ئېرىشتى، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەركەز مالىيەسى 18مىليارد 140مىڭ يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئەسلىھەلىرى كەمچىل مەكتەپلەرگە كىتاپ، كۆپ ۋاستىلىق يىراقتىن ئوقۇتۇش مائارىپ ئەسلىھەسى قاتارلىقلارنى سەپلەپ بەردى.

  مەملىكەت بويىچە ياردەم بىرىش سىياسىتى سىستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، 2012-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، مەركەز مالىيەسى ئوتتۇرا تىخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ ھەقسىز ئوقۇتۇش سىياسىتى دائىرىسىنى بارلىق يېزا ئوقۇغۇچىلىرىغا كېڭەيتىدۇ. 2012-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، مەركەز مالىيەسى 1مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاسپراتلار دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئون مىڭ دوكتۇر ئاسپىرات، 35مىڭ ماگىستىر ئاسپىراتقا ئىلھام بىرىدۇ. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدە، دۆلەت ئوقۇش ياردەم بېرىش پۇلىدىن 4مىليارد 660مىليۇن يۈەن ئاجرىتىپ، 4مىليۇن 910مىڭ ئوقۇغۇچىغا ياردەم بىرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە