باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىئوردانىيە مۇساپىلار لاگېرىدىكى سۈرىيەلىك قىزلار «ۋاقىتلىق خوتۇن»غا ئۆزگەرمەكتە

2013.05.10 09:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

چېدىردا ئولتۇرۇغان سۈرىيەلىك مۇساپىر قىز

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جاتېلى (Zha Teli) مۇساپىرلار لاگىرى ئىئوردانىيەدىكى ئەڭ چوڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرلار لاگىرى بولۇپ، بۇ يەردىكى مۇساپىرلارنىڭ سانى تەخمىنەن 160 مىڭغا يېتىپ قالغان. مۇساپىرلار كۈنىگە نەچچە مىڭلىغان ئادەملىك سۈرئەت بىلەن بۇ يەرگە داۋاملىق كۆچۈپ كەلمەكتە. ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئىئوردانىيە ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئېغىر يۈككە چىداشلىق بېرەلمەيقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن، غەيرىي ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك تەشكىلاتلىرىمۇ ياردەملەرنىڭ بارغانسېرى ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقدىن ئاغرىنغان.

  بۇ چېدىرلار دۆۋىسىدىن پەيدا بولغان شەھەردە، نەچچە ئون مىڭ بالا توپا-توزاڭ ئىچىدە ئوينىسا، ياش قىزلار ئائىلىسى تەرىپىدىن سېتىۋېتىلمەكتە. بىر سۇرىيەلىك دادا ئاتىلىق غورۇرى بىلەن 10 كىشىلىك ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداپ كەلمەكتە، بۇ دادا مۇخبىرنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، بۇ يەردە لاگېرنىڭ ئىچىدە ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان ياردەم بەرگۈچى دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەش لوزۇنكىلىرىدىن باشقا ئەرەب چېيى، يېمەكلىك، ئىچىملىك سۇ ۋە باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى غەيرىي ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يەردەتۇرغىنىغا يېرىم يىل بولغان سۇرىيەلىك ئەر مۇھەممەد بۇ يەرنىڭ خۇددى «تۈرمە» گە ئوخشايدۇ، دەيدۇ.

  2-ماي، يەنى ئىئوردانىيە ئەمگەكچىلەر بايرىمى مەزگىلىدىكى دەم ئېلىشتا مۇناسىۋەتلىك خادىملار يەنىلا دەم ئالماي ئىشلىدى، كىشىلەر ئەر ۋە ئايال دەپ ئىككى قاتار بولۇپ ئۆزلىرىگە تارقىتىلىپ بېرىلىدىغان بۇيۇملار، يەنى ياستۇق، زاكا، تاماق ئېتىشتا ئىشلىتىلىدىغان زەيتۇن مېيى قاتارلىقلارنى ئېلىۋاتاتتى. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر مۇساپىرلار لاگىرى «ئۇرۇشتىن قېچىپ پاناھلىق ئىزدىگەن ھەرقانداق ئادەمنى سىرتتا قويمايدىكەن.»

  بىراق مۇساپىرلار لاگىرىغا كىرمەك ئاسان بولغان بىلەن چىقماق ناھايىتى تەس بولۇپ، لاگېرنىڭ تېمى ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئايرىش سىم تورى بىلەن توسۇلغان، ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ بۇ يەردىن ئايرىلىش ئەركىنلىكى يوق. پەقەت ئىئوردانىيەنىڭ يەرلىك كىشىلىرى كېلىپ قاتتىق تەلەپلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان كېپىللىكى بىلەن لاگېردىن ئايرىلىشقا بولىدۇ. مۇخبىر شەخسەن ئۆزىنىڭ تەسىراتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىيوردانىيەنىڭ كۈندىلىك چىقىمى سۈرىيەنىڭ نەچچە ھەسسىگە تەڭ كىلىدىكەن ئەگەردە لاگېردىن ئايرىلىپ ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرالايدىغانلار پەقەت شۇ سۈرىيەلىك بايلارلا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى ناھايىتى قىس بولۇپ كەتكەن، بۇرۇن ھەر بىر كىشىگە بىردىن كۆرپە تارقىتىلىدىكەن، بىراق ھازىر بولسا تۆت-بەش ئادەم بىرلىكتە بىر كۆرپىنى ئىشلىتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن لاگېردىكى قىزلار ئامالسىز ھالدا باشقا بىر خىل يولنى تاللىغان، يەنى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇلارنى باشقىلارغا سېتىۋېتىدۇ ۋە شۇنداقلا ئوغرىلۇقچە لاگېردىن سىرتقا چىقىرىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ قىزلار ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم باي غوجاملارنىڭ «ۋاقىتلىق خوتۇنى» غا ئايلىنىدۇ ۋە شۇنداقلا ناھايىتى تېزلا تاشلىۋېتىلىدۇ، ئەلۋەتتە. مەلۇم بىر ئىئوردانىيەلىك كىشىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ ئوغلىغا ئىئوردانىيەلىك قىز ئېلىپ بەرمەكچى بولسا ئەڭ ئاز دېگەندە 6000 دىنار (تەخمىنەن 52 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) مېھىر ھەققى بېرىشى كېرەك ئىكەن، بىراق مۇساپىرلار لاگىرىغا بارسا پەقەت ئۈچ-تۆت يۈز دىنارغىلا بىر قىزنى ئالغىلى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇرىيە قىزلىرى «يېقىشلىق، رايىش ۋە ئۆي ئىشىنى قىلالايدىغان» بولارمىش.

  ب د ت مۇساپىرلار تەشكىلاتىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، 2013-يىلى تەخمىنەن بىر مىليون 200 مىڭ سۇرىيەلىك ئىئوردانىيە چېگرىسى ئىچىدىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا ياشاۋېتىپتۇ، بۇ ئىئوردانىيە نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمى بىلەن باراۋەر دېگەن گەپ. 1-ئايدا ب د ت سۇرىيە سەرگەردانلىرىغا بىر مىليارد 500 مىليون دوللار ياردەم پۇلى يىغىشنى قارار قىلغان، بىراق بۇنىڭ كۆپ قىسمى تېخى ئەمەلىيلەشمىدى. 3-ئايدا جۇڭگو ھۆكۈمىتى سۇرىيە سەرگەردانلىرىغا ئىككى مىليون دوللار ياردەم قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە