باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خاۋكىڭ ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىنغا قاتنىشىشنى رەت قىلدى

2013.05.10 09:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگىلىيە «قوغدىغۇچى گېزىتى» نىڭ سەككىزىنچى ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيىلىك داڭلىق فىزىكا ئالىمى سىتىۋېن خاۋكىڭ ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى پرېس رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىشنى رەت قىلىپ، ئىلىم ساھەسىدىكى ئىسرائىلىيىگە نارازى بولغۇچىلار سېپىگە قوشۇلغان.

  بۇندىن بۇرۇن 71 ياشقا كىرگەن خاۋكىڭ يىغىنغا قاتنىشىش تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان ھەمدە ئالتىنچى ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بەشىنچى نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنغا قاتنىشىپ پرېسنىڭ 90 ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنىنى قۇتلۇقلىماقچى بولغان. بىراق ئالدىنقى ھەپتە خاۋكىڭ پرېسقا بىر پارچە ئاددىي خەت يېزىپ قارارىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېيتقان. گەرچە بۇنىڭ سەۋەبى تېخى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، ئىچكى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، خاۋكىڭنىڭ قارارى «ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشقا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئىكەن.»

  خاۋكىڭ ئىسرائىلىيەنى تۆت قېتىم زىيارەت قىلغان بولۇپ، 2006-يىلى ئۇ ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىندە نۇتۇق سۆزلىگەن. ئەمما بۇندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىسرائىلىيىگە بولغان قارىشى تەدرىجىي ئۆزگەرگەن. 2008-يىلى ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە ئېلىپ بارغان «قوغۇشۇن قويۇش ھەرىكىتى»نى قاتتىق تەنقىد قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە