ھىندىستاننىڭ بىر قىز بوۋاقتنىڭ مېڭىسىگە سۇ يىغىلىپ قېلىپ، بېشىنىڭ ئايلانمىسى 94 سانتىمېتىرغا يەتكەن. بۇ ئىش خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 4-ماي خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قىز بوۋاقنىڭ ھىكايىسى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، بىر خەيرى-ساخاۋەت ئورگىنى ياردەم قولىنى سۇنغان. يېقىندا بۇ قىز بوۋاق ئوپراتسىيە قىلىنغاب بولۇپ، دوختۇر بۇ قىزنىڭ باش قىسىمىدىكى يىغىلىپ قالغان سۇنى چىقىرىۋەتكەن، بۇ قىزنىڭ بېشىنىڭ ئايلانمىسى 23 سانتىمېتىر كىچىكلىگەن. ھازىر بۇ قىز بوۋاقنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولۇۋېتىپتۇ.
ھىندىستاندىكى بىر قىز بوۋاقنىڭ بېشىغا سۇ يىغىلىپ قالدى