باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

«ئانارخان» فىلىمىدىكى ئەر باش پىرسوناژ بىلەن سۆھبەت(1)

2013.05.07 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئانارخان»دا، ئانارخان بىلەن بىر مەزگىل مۇھەببەت سەرگۈزۈشتىسىنى باشتىن كەچۈرگەن قۇرباننىڭ كېلىشكەن قىياپىتى نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى.

  24-ئاپرېل، بۇ فىلىمنىڭ تۈنجى كۆرسىتىلىش ئاخبارت ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا قارا كاستيوم كىيگەن ئابلىكىم ئابلەت كۆپلىگەن مەستانىلىرى بىلەن بىرگە سۈرەتكە چۈشتى. ئابلىكىم ئابلەت قارامايلىق بولۇپ، ئاتا ـ ئانىسى نىفىتلىكتىكى ئادەتتىكى ئىشىچى، 2010-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتى ئاكتىيۇرلۇق فاكۇلتېتىنىڭ فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە دىراما كەسپىگە ئۆتكەن. «ئانارخان» ئۇ تۇنجى قېتىم رول ئالغان فىلىم. شۇ كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مۇخبىرلار ئۇنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.

  مۇخبىر: ئەينى ۋاقىتتا رېژىسسور قانداق قىلىپ سىزنى تاللاپ قالدى؟

  ئابلىكىم: رېژىسسور مېنىڭ بەرگەن تەسىرىم ۋە قىياپىتىم قارىماققا ئۇ تاپماقچى بولغان «قۇربان»غا ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتتى. سىناق تەرىقىسىدە كۆرۈنۈشكە ئالغاندا، رېژىسسور ماڭا قۇرباننىڭ ئوبرازىنى تەسۋىرلەپ بېرىپ قىسقا بىر بۆلەك رولنى ئېلىشقا بۇيرىدى. رېژسسورنىڭ تەلىپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەن رېژسسورنىڭ نېمىنى تەلەپ قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدىم. مەن مەخسۇس مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل ئۆگەنگەن، مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ تەييارلىق سىنىپدىكى ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاكتىيۇرلۇقنى تېخى ئۈگەنمىگەن ئىدىم. ھازىر ئويلاپ باقسام ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسنىڭ بىر ئورتاق نۇقتىسى بار ئىكەن. بۇنى ھەقىقىي چۈشەنگەنسىڭىزلا ئاندىن ھەقىقىي ئىپادىلەپ چىقالايدىكەنسىز.

  مۇخبىر: بۇ تىياتىر شىنجاڭنىڭ ئازاد قىلىنىشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان، سىز بۇنىڭغا قانداق تەييارلىقلارنى ئېلىپ باردىڭىز؟

  ئابلىكىم: مەن كىچىكىمدىلا «ئانارخان» فىلىمىنى كۆرگەن. مەن فىلىم گۇرۇپپىسىغا بارغاندىن كېيىن، رېژسسور بىزگە يېزىغا بېرىپ تۇرمۇش ئۆگىنىشىمىزنى ئېيتتى. بىز تۇرپاندا ئىككى ھەپتە تۇردۇق، ئاشۇر دەۋرلەرنىڭ شاھىدى بولغان بىر قىسىم بوۋايلار بىلەن بىللا بولدۇق، ئەمگەك قىلدۇق، پاراڭلاشتۇق بۇ جەرياندا ئاستا ـ ئاستا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن قەشقەر سەنئەت مەكتىپىدە ئىككى يىل مىللىي چالغۇ ئۆگەنگەن، بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئۆزلەشتۈردۇم. شۇڭا مەن رول ئېلىش جەريانىدا، رېژسسورنىڭ يېتەكلىشى بىلەن، قۇرباننىڭ رولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالدىم.

  مۇخبىر: بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئالغاندا، قايسى ئىش ئەڭ قىيىن كەلدى

  ئابلىكىم: قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى، ئۇ ۋاقىتتا گەرچە مەن مەركىزىي تىياتىر ئىنسىتىتۇتىغا ئۆتكەن بولساممۇ، تەييارلىق سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەسپىي كەسپىي ئاكتىيۇرلۇقنى تېخى ئۆگەنمىگەن ئىدىم. بىردىنلا ئەر باش پىرسوناژنىڭ رولىنى ئېلىپ، باشقا ئەمەلىي كۈچى بار ئارتىسلار بىلەن رولغا چىققاندا كۈچلۈك بېسىم ھېس قىلدىم. بىراق، ئۇلار ماڭا نۇرغۇن ياردەم بەردى ۋە رىغبەتلەندۈردى، ھەر بىر سۈرەتكە ئېلىش باشلىنىش ئالدىدا ئۇلار مەن بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. فىلىم ئېلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇستازىم دىېسەم بولىدۇ.

  
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە