باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

شياڭگاڭ دېسنىي «ئېزىتقۇ باغچىسى» ئېچىۋېتىلىدۇ

2013.05.08 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شياڭگاڭ دېسنىي باغچىسى دۇنيادا بىردىنبىر يېڭى باغچە رايونى دېسنىي تارىخىدىكى ئەڭ مۇرەككەپ كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنىڭ بىرى دەپ ئاتالغان «ئېزىتقۇ باغچىسى» 17-ماي رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ. ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ئاۋاز، پۇراق، بەدەن سەزگۈسى ئارقىلىق كاتتا مەنزىرلەرنى كۆرىدۇ ۋە ئاڭلايدۇ.

  تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يېڭى باغچە رايونى رېلىسسىز سېستىما ئارقىلىق، رادىئو چاستوتىسىنى پەرق ئېتىش ۋە Wi-Fi تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، 32 ئادەم ئولتۇرغان رېلىسسىز ئاپتوموبىلنى بىرلا ۋاقىتتا كونترول قىلىپ، 13 فانتازىيەلىك مەنزىرىدىن ئۆتىدۇ. نۆۋەتتىكى ئەڭ ئىلغار پرويېكسىيە ئاپپاراتى ئارقىلىق «دەرىجىدىن تاشقىرى سۈزۈك» 40 خىل كۆرۈش سەزگۈ ئۈنۈمىنى ياراتقاندىن سىرت يەنە گاز پۇرىقى، بەدەن سەزگۈسى قاتارلىق ئۈنۈملەر ئارقىلىق 3D لىق سۈرەتلەرنى 4D ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈپ «ھەرىكەتچان 4D لىق كىنوخانا»غا ئايلىنىدۇ. (چېن ديەن، لى خەييۈەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە