بۇ 4-ماي تۈركمەنىستاننىڭ دەۋازا دېگەن جايدا تارتىلغان «دوزاق دەرۋازىسى». تۈركمەنىستان چېگراسى ئىچىدە ئاشخابادتىن 260 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قاراقۇرۇم قۇملۇقىدا بىر دەۋازا دەپ ئاتىلىدىغان جاي بولۇپ، ئۇ جايدا دۇنياغا داڭلىق «دوزاق دەرۋازىسى» بار. 1971-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بۇ جايدا ناھايىتى مول بولغان تەبىئىي گازنى بايقىغان. ئەمما قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، بۇ جايدا دىئامېتىرى 70 مېتىر بولغان بىر كارىز شەكىللىنىپ قالغان. قىدىرىپ تەكشۈرۈش خادىملىرى گازنىڭ زەھەرلىك بولۇشىدىن ئەنسىرەپ بۇ جايغا ئوت ياققان، بۇ ئوت كۆيۈۋاتقىنىغا 40 يىل بولغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، تۈركمەنستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف 2010-يىلى 4-ئايدا بۇ جاينى كۆزدىن كەچۈرگەن ھەمدە ئوتنى ئۆچۈرۈشنى بۇيرىغان. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لۇ جىڭلى فوتوسى)