باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەپمە بوكس ماھىرلىرى مەملىكەتلىك 12–نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى

2013.05.07 15:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  روشەنگۈل ئابدۇراھماننىڭ 24 – ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەككىز نەپەر تەپمە بوكس ماھىرى 20 – ئاپرېلدىن 23 – ئاپرېلغىچە سۇجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەپمە بوكس تۈرىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ، بۇ يىل ئاۋغۇستتا شېنياڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ مۇسابىقىنى دۆلەت تەنتەربىيە ئىدارىسى تەپمە بوكس تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى بىلەن جۇڭگو تەپمە بوكسچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 36 كوماندىدىن 369 نەپەر تەنھەرىكەتچى ئەرلەر، ئاياللار ئايرىمىسى بويىچە 16 تۈردە مۇسابىقىلەشكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىن 12 ماھىر بۇ تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، لى يىجاۋ، خۇرشىدە توختى قاتارلىق سەككىز ماھىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەپمە بوكس ماھىرلىرى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك تەپمە بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە يەنە بىر ئالتۇن مېدال، بىر كۈمۈش مېدال، ئۈچ مىس مېدالغا ئېرىشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە