باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

بۇ يىل شىنجاڭ بويىچە 158 مىڭ 700 نەپەر ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ

2013.05.07 16:56         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ماي، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ 2013-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا تىزىملاش، سالاھىيەت تەكشۈرۈش شۇنداقلا ئىمتىھان مەيدانىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئاللىقاچان تاماملانغان، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 158 مىڭ 700 نەپەر ئوقۇغۇچى بۇ يىلقى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان بولۇپ، تىزىملاتقۇچىلارنىڭ سانى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 4000دىن ئاشىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئىجتىمائىي پەندىن ئىمتىھان بېرىدىغانلار 54 مىڭ 600 نەپەر، تەبىئىي پەندىن ئىمتىھان بېرىدىغانلار 99 مىڭ 100 نەپەر، ‹‹ئۈچ خىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى›› بولسا 5000 نەپەردىن ئاشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە