- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېلىمىزدە 120 مىليون ئوقۇغۇچى پارچە ئوقۇش ھەققى ۋە دەرسلىكتىن ھەقسىز بەھرىمەن بولدى
2013.05.10 14:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەركەز مالىيەسى 2012-يىلى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى راسخوت كاپالىتى مېخانىزمى ئىسلاھات مەبلىغىدىن 86 مىليارد 540 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، مەملىكەت بويىچە 120 مىليونچە ئوقۇغۇچىنى پارچە ئوقۇش ھەققى ۋە دەرسلىك كىتابتىن ھەقسىز بەھرىمەن قىلدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى 13 مىليون 330 مىڭچە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياتاقلىق ئوقۇغۇچى ياردەمگە ئېرىشكەن، ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى يېزا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ بىنالىرىنى رېمونت قىلىپ ئۆزگەرتكەن ئورۇنلارنىڭ تولۇقلىما ئۆلچىمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2012-يىلى مەركەز مالىيەسى سەككىز مىليارد 200 مىليون يۈەن تولۇقلىما مەبلىغى ئاجرىتىپ، شەھەرلەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارچە ئوقۇش ھەققىنى بىكار قىلغان جايلار ۋە شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلىگەن دېھقان ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن بەھرىمەن بولۇش مەسىلىسىنى بىر قەدەر ياخشى ھەل قىلغان جايلارنى داۋاملىق مۇكاپاتلاپ قوللىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2012-يىلى مەركەز ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەر سېلىنما بىلەن باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيەدىن مائارىپقا راسخوت ئىشلىتىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مائارىپ تەرەققىياتىدىكى ئاجىز ھالقىلار ۋە ھالقىلىق ساھەلەردىكى مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە