باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

قىرغىزىستان قۇش زۇكىمى سەۋەبلىك شىنجاڭدىن قۇش گۆشى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى

2013.05.09 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ماي، شىنجاڭ چېگرىدىن كىرىپ-چىقىشنى كارانتىن قىلىش ئىدارىسى شىنجاڭدىكى قۇش گۆشىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى ۋە ئېكىسپورت سودا كارخانىلىرىنى قىرغىزىستاننىڭ ئېلىمىزگە قاراتقان قۇش گۆشىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش تەدبىرىگە ئېتىبار بېرىپ، قارىغۇلارچە ئېكىسپورت قىلىشتىن كىلىپ چىقىدىغان زىياندىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىز قىرغىزىستان قۇش گۆشى بازىرى مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسلىق ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەت بولۇپ، ئامېرىكىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 2012-يىلى، ئېلىمىزنىڭ قىرغىزىستانغا ئېكىسپورت قىلغان قۇش گۆشى مىقدارى 13 مىڭ 364 توننا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان قۇش گۆشى 2018 توننا ئىكەن. يېقىندا جۇڭگو، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي، قاتارلىق جايلاردا H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمىدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن 26-ئاپرېل، قىرغىزىستان دۆلەت ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كارانتىن قىلىش ئىدارىسى جۇڭگودىن قۇش گۆشى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن. 7-ماي، بىر تۈركۈم بېيجىڭدا ئىشلەپچىقرىىلغان 20 توننا توخۇ كۆكرەك گۆشى قىرغىزىستاندىن قايتۇرۇۋېتىلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە