باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

كورىيەدە بىر مودېل ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيەسىگە خۇمار بولۇپ قېلىپ چىرايىدىن ئايرىلىپ قالدى

كورىيەدىكى بىر مودېل چىرايىغا يىمەكلىك مېيىنى ئۇكۇل قىلىپ سېلىپ، چىرايى بۇزۇلۇپ كەتتى

2013.05.09 11:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ئەنگىلىيەنىڭ «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 7-ماي خەۋەر قىلىشىچە، كورىيەدىكى بۇرۇنقى داڭلىق مودېل خاڭ مىئوكۇ ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيەسىگە خۇمار بولۇپ قېلىپ، دوختۇر ئۇنى تېخىمۇ كۆپ ئوپراتسىيە قىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ يۈزىگە يىمەكلىك مېيىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇپ، چىرايى بۇزۇلۇپ كەتكەن. تىرىسىنىڭ يۇمرانلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، خاڭ مىئوكۇ 28 يېشىدىن باشلاپ ھۆسىن تۈزەشنى باشلىغان بولۇپ، ئارقىدىن ياپونىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەتكەن، ئۇ ياپونىيەدە كۆپ قېتىم ھۆسىن تۈزىتىپ، يۇمران، پارقىراق تىرىگە خۇمار بولۇپ قالغان، ئەمما ئۇنىڭ يۈزى تەدىرىجىي چوڭىيىپ كەتكەندىن كېيىن دوختۇر ئۇنىڭغا داۋاملىق ئوپراتسىيە قىلىشنى رەت قىلغان ھەمدە ئۇنىڭغا پىسخىكىسىدىن چاتاق چىققانلىقىنى ئېيتقان.

  ئۇ ئۆزى قاراڭغۇ بازاردىن سېتىۋالغان بىر قۇتا سىلتسىي يىلىمىنى يۈزىگە ئۇكۇل قىلىپ قۇرغان، سىلتسىي يىلىمىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ يۈزىگە يىمەكلىك مېيىنى ئۇكۇل قىلىپ، يۈزى مەڭگۈلۈك بۇزۇلۇپ كېتىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئىششىپ كەتكەن ھەمدە تارتۇق بولۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇنى تونىيالماي قالغان.

  خاڭ مىئوكۇنىڭ بەختسىزلىكى كورىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، تاماشىبىنلار ئۇنىڭ چىرايىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىئانە توپلىغان. 10 قېتىملىق ئوپراتسىيەدىن كېيىن، دوختۇر ئۇنىڭ يۈزىدىن 60 گىرام يىلىم، ماي ۋە باشقا ماددىنى ئېلىۋەتكەن، بوينىدىن 200 گىرام ھەرخىل ماددىلارنى تارتىپ چىقارغان، ئەمما خاڭ مىئوكۇنىڭ چىرايى يەنىلا ئەسلىگە كەلمىگەن، ئۇ ھازىرقى ئارزۇسى چىرايىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەن. يېقىندىن بۇيان، ئۇ ھازىر بىر كېيىم-كىچەك يىغىۋېلىش دۇكىنىدا ئىشلەۋاتقان بولۇپ، دۆلەتتىن ياردەم پۇلى ئالىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە