- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سەھىيە كەسپىي تېخنىكىسىدىكى تايانچ كادىرلارنى تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇش باشلاندى
2013.05.10 14:13 مەنبە: خەلق تورى
«تېخنىكىنى ياخشى ئۆگىنىۋالساق بىزمۇ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇۋالالايمىز» 8-ماي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە بويىچە ئىقتىساسلىقلارنى سەپەرۋەرلىك قىلىش قۇرۇلۇشى ئاز سانلىق مىللەت سەھىيە كەسپى بويىچە تايانچ كادىرلارنى تەربىيەلەش سىنىپىدىكى مەمەتجان شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى ئىككى ئايلىق تەربىيەلىنىش پۇرسىتىدىن زور ئۈمىدكە تولغان ئىدى.
40 ياشلىق مەمەتجان جىڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ مەزكۇر دوختۇرخانا جىددىي داۋالاش بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل خادىمى. «مەن ئاساسىي قاتلامدا 17 يىل دوختۇرلۇق قىلدىم.» دېدى مەمەتجان. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ بىرىنچى شۆبە ئىنىستىتۇتىنى بازا قىلىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت ئوبلاستلاردىكى تىبابەت خادىملىرىغا ئاياللار بۆلۈمى ــ كۆپىيىش، ھامىلدار بولۇشقا ياردەم بېرىش كەسىپى ۋە ئېغىر كېسەللىكلەر كەسپىدىن ئىبارەت ئىككى ساھە بويىچە ئىككى ئايلىق تەربىيەلەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ دەرھاللا تىزىملاتتىم.
ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى كادىرلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لياڭ فېڭ تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، ئاپتونوم رايونىمىز 2003-يىلىدىن باشلاپ ئاز سانلىق مىللەت سەھىيە كەسپىي تېخنىكىسى تايانچ كادىرلارنى تەربىيەلەش تۈرىنى يولغا قويغان بولۇپ، نۆۋەتتە، ئۇدا 27 قېتىملىق قىسقا مەزگىللىك تەربىيەلەش سىنىپى تەشكىللەپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 2430 نەپەر سەھىيە خادىمىنى تەربىيەلىدى. نۇرۇغۇنلىغان كىشىلەر ئۆز جايلىرىدىكى غوللۇق كۈچلەرگە ئايلاندى. بۇ قېتىملىق تەربىيەلەشكە تاللانغان خادىملار 18 ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە 172 شەھەر ـ ناھىيە دەرىجىلىك داۋالاش ئورگانلىرىدىن تاللانغان بولۇپ، بارلىق ۋىلايەت ئوبلاست، شەھەرلەرنى قاپلىغان. (مۇخبىر چاۋ جىن)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە