5-ئاينىڭ 9-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانياخۇ بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ دو فوتوسى)
كۆرۈشۈشتە شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ياخشى، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى. ئىككى تەرەپنىڭ داۋاملىق باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا ئىشىنىش، بىر بىرىنى سىغدۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق غەلبە قىلىش روھى بويىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى ياخشى پىلانلىشىنى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ ھەرقايسى قاتلاملار ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىققا ئىگە ئۈستۈنلىكلىرى ئۈستىدە داۋاملىق پائال مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت، مائارىپ، ئاخبارات قاتارلىق ساھەلەر ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەل ئارا بېرىش كېلىشنى كۆپەيتىپ، ئەنئەنىۋىي دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك.
نىيتانىياخۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو يىراقنى كۆرىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، ئالغا ئىنتىلىدىغان دۆلەت بولۇپ، ئاجايىپ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئېرىشتى. ئىسرائىلىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراقنى كۆرەرلىك نەزىرى بىلەن ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ دوستلۇق ھېسسياتىنى كۈچەيتىپ، ئىسرائىلىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى