باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر دا ‹‹مېتېئورولوگىيە قانۇنى›› ۋە ‹‹مېتېئورولوگىيە نىزامى›› نىڭ ئىجراسى تەكشۈرۈلىدۇ

2013.05.10 16:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مېھرىگۈل تۇردى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەشكىللىگەن قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 9 – مايدىن 18 – مايغىچە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېتېئورولوگىيە قانۇنى›› ۋە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ مېتېئورولوگىيە نىزامى››نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىغا قارىتا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرىدۇ.

  9 – ماي چۈشتىن بۇرۇن قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ <<مېتېئورولوگىيە قانۇنى>> ۋە <<مېتېئورولوگىيە نىزامى>>نى يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قانۇن – نىزامنىڭ يولغا قۇيۇلۇش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ ھەم ئاساسىي قاتلام مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىدىكى خادىملار بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ، قەشقەر، سانجى، تارباغاتاي قاتارلىق ۋىلايەت (ئوبلاست)لەرگە بېرىپ، مېتېئورولوگىيە قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مېتېئورولوگىيە نىزامىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ئەھۋالى، كىلىمات بايلىقلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، شۇنداقلا ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش جىددىي ئەھۋال سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى، يەرلىكنىڭ مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش ئەھۋالى، قانۇن – نىزاملارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشتا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ.

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە يېرىمدىن كۆپرەك ناھىيەدە مېتېئورولوگىيە ئىدارىلىرى قۇرۇلۇپ، سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشقا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مۇلازىمەت سەھنىسى بەرپا قىلىندى. 73 ناھىيەدە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش مەركىزى قۇرۇلدى. رادىيو، تېلېۋىزور، گېزىت، تېلېفون، يان تېلېفون، يېزا، كەنت رادىيو كانىيى، تور قاتارلىقلارنى ۋاسىتە قىلغان ئاپەتتىن سىگنال بېرىش سۇپىلىرى قۇرۇلۇپ، ھەر يىلى ئاممىغا 1000 قېتىمدىن كۆپرەك ئۇچۇر، 20 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن كۆپرەك يان تېلېفون ئۇچۇرى تارقىتىلىپ، سىگنال ئۇچۇرلىرى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق يېزا – كەنتلەرگىچە يەتكۈزۈلدى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە