باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

800 مىليون يۈەنلىك كۈتۈۋېلىش ھەققىنى 750 مىليون يۈەنگە چۈشۈرۈش كۈلكىلىك گەپ بولۇپ قالدى(1)

2013.05.13 11:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو تۆمۈريول شىركىتى يېقىندا بۇ شىركەتنىڭ 2012-يىلى كەسپىي كۈتۈۋېلىش خىراجىتىگە 837 مىليون يۈەن ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ 8-ماي مۇنداق دېدى: بىر يىلدا 837 مىليون يۈەننى كەسپىي كۈتۈۋېلىشقا ئىشلىتىش ھەقىقەتەن بەك كۆپ بولۇپ كەتكەنلىك، بۇ مەسىلە بىر نەچچە يىل ئىلگىرى شىركىتىمىزنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىغان، شىركىتىمىز مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، 2013-يىلى كەسپىي كۈتۈۋېلىش خىراجىتىنى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %10 ئازايتىشقا كۈچ چىقىرىپ، 750 مىليون ئەتراپىغا چۈشۈرىدۇ. جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى شىركىتىنىڭ بۇ ئىنكاسىغا كىشىلەر ئۆزىنى باسالماي كۈلۈپ كەتتى. كۈتۈۋېلىش خىراجىتىنى 750 مىليون يۈەنگە چۈشۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشنىڭ ئۆزىلا بىر مەسخىرىلىك كۈلكە. بۇنداق چۈشۈرۈش سۈرئىتىنى ئىنكاس قايتۇرغۇچىنىڭ ئاغزىدىن قانداق چىقىرالىغانلىقىنى بىلمەك تەس، بۇ ئىنكاسنى ئاڭلىغانلارنىڭ يۈزلىرىمۇ قىزىرىپ كەتتى، لېكىن جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى شىركىتى خىجىل بولماستىن چۈشۈرۈشكە كۈچ چىقىرىمىز دېدى.

  جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى شىركىتىنىڭ تېز تەرەققىياتى، كۆلىمىنىڭ چوڭلىقى، كەسىپنىڭ كۆپلىكىنىڭ ئۆزىلا بىر خىل ئىپتىخار ۋە غۇرۇر. لېكىن گېئومېتىرىيەلىك ئاشقان كۈتۈۋېلىش خىراجىتىنى بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان، ئىسراپچىلىققا كۈچلۈك تۇرۇش تەكىتلىنىۋاتقان ئەھۋالدا، 800 مىليون يۈەندىن ئىبارەت بۇ سان ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كۆزىنى ئالىچەكمەن قىلىۋېتىدۇ. سەككىز يۈەنلىك مىليون يۈەنلىك كۈتۈۋېلىش ھەققىگە زادى نېمىلەرنى يېگەندۇ؟ يېيىش-ئىچىشتىن باشقا، يەنە ئويۇن-تاماشا، سوۋغاتلارمۇ باردۇ؟ كىملەرنى ئويۇن-تاماشىغا تەكلىپ قىلغاندۇ، كىملەرگە سوۋغات بەرگەندۇ؟ بۇنىڭ ئىچىدە بۇ پۇللارنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلار، خىيانەتچىلىك قىلىپ چىرىكلەشكەنلەر بارمۇ-يوق؟ مۇنداق كۆپ مەسىلىلەر ئاممىنىڭ كاللىسىغا گۇمان كۆلەڭگىسى تاشلىدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە