باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ھەر ئاينىڭ 2-ھەپتىسىنى «يىغىنسىز ھەپتە» قىلىپ بېكىتتى

2013.05.13 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي كۆكخوتتىن بەرگەن خەۋىرى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا بۇ يىل ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە «يىغىنسىز ھەپتە» تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلىپ، ھەر ئاينىڭ 2-ھەپتىسىنى «يىغىنسىز ھەپتە» قىلىپ بېكىتتى. بۇ ھەپتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى چاقىرمايدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي ئىشلار يىغىنى چاقىرمايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت نامىدىكى ياكى بىرلەشمە نامدىكى خىزمەت يىغىنلىرى چاقىرىلمايدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى تارماق ۋە ئورۇنلىرى تۈرلۈك خىزمەت يىغىنلىرىنى ئاچمايدۇ.(خې يۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى) موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ھەر ئاينىڭ 2-ھەپتىسىنى «يىغىنسىز ھەپتە» قىلىپ بېكىتتى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە