باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر پاراخوت نەنجىڭ-چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىگە ئۇرۇلۇپ كېتىپ چۆكۈپ كەتتى

2013.05.13 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

12-ماي كۈنى، نەنجىڭ دېڭىز ئىشلىرى تارماقلىرى پاراخوت چۆكۈپ كەتكەن نەق مەيداننى قوغدىدى. 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، ۋېيخەي پورتىنىڭ «شىنچۇەن 8-نومۇر» ناملىق بىر پاراخوتنەنجىڭ-چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەندە، 6-ئۆتۈشمە بىلەن 7-ئۆتۈشمە ئارىسىدىكى كۆۋرۈك گۇندىسىغا ئۇرۇلۇپ كېتىپ، كۆۋرۈكتىن تۆۋەنكى ئېقىمغا قاراپ 3.5 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شىمالىي قىرغاق تېيىز بىر دەريا ساھىلىدا چۆكۈپ كەتكەن، پاراخوتتىكى 18 نەپەر خادىم ۋاقتىدا قۇتقۇزۇپ قېلىنغان. فۇشەن شىنچۇەن سۇ ترانسپورتى چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى بۇ پاراخوتقا 12500 توننا ھاك تېشى قاچىلانغان بولۇپ، ئەسلىدە تۇڭلىندىن فۇجيەننىڭ لويۈەنگە قاراپ يولغا چىققان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە