باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر دىكى ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار‹‹كىچىك پەرىشتە فوندى››نىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى

2013.05.13 16:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانا قان كېسەللىكلىرى بۆلۈمى بالنېتسىدا 7 – ماي چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ خادىملىرى تۇنجى تۈركۈمدە ‹‹كىچىك پەرىشتە فوندى››نىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى مېۋە – چىۋىلەر بىلەن يوقلىدى ھەم ئۇلارغا بەخت تىلىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ‹‹كىچىك پەرىشتە فوندى›› ئېلىمىزدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نۆل ياشتىن تۆت ياشقىچە بالىلارغا ياردەم بېرىدىغان تۇنجى مەخسۇس فوند بولۇپ، مەبلەغ جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتى ‹‹كىچىك پەرىشتە فوندى›› لاتارىيە بېلىتى پاراۋانلىق سوممىسى تۈرىدىن كېلىدىكەن، ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئۆزى تۆلەيدىغان داۋالىنىش ھەققى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشسىلا، فوندقا ئىلتىماس سۇنسا بولىدىكەن. سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار 30 مىڭ يۈەن، يىلىك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئۈچۈن 20 مىڭ يۈەن ياردەمگە ئېرىشىدىكەن. ھازىرغىچە، ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئائىلىسى نامرات 103 بالا ‹‹كىچىك پەرىشتە فوندى››نىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن، ياردەم سوممىسى 2 مىليون 810 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە