باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

50 دوختۇرخانا سۈت بېزى بىمارلىرىنى قوللاش تۈرىنى باشلىدى

2013.05.13 13:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12- مايدىكى خەلقئارا سېسترالار بايرىمى يېتىپ كەلگەندە پەيتتە، ئېلىمىزنىڭ 25 شەھىرىدىكى 50 دوختۇرخانا 11-ماي بۇ يىللىق مېھرىبانلىق مۇساپىسى سۈت بېزى راكى بىمارلىرىنى قوللاش تۈرىنى يولغا قويۇپ، تېببىي خادىملارنىڭ يەككىلەشكەن داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، سۈت بېزى راكى بىمارلىرىغا تېخىمۇ قاراتمىلىق داۋالىنىش ۋاسىتىسى ھازىرلاپ بېرىشنى ئۈمىد قىلدى. سۈت بېزى راكى-ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۈت بېزى راكىنى داۋالاش تېخنىكىسى ۋە قارىشى تېز راۋاجلانغان، خىمىيىلىك داۋالاش يەنىلا بۇنىڭدىكى مۇھىم داۋالاش ۋاسىتىسى ئىكەن، ئەمما ئاددىي ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ياردەمچى خىمىيىلىك داۋالاش-تاكىسول تۈرىدىكى دورىلار بىلەن خىمىيىلىك داۋالايدىغان بىرلەشمە بىيو داۋالاشقا تەرەققىي قىلغان؛ داۋالاش ئۇسۇلىمۇ ئەڭ زور چىداملىق داۋالاشتىن ئەڭ كىچىك، ئۈنۈملۈك داۋالاشقا تەرەققىي قىلغان ھەم ئوخشىمىغان بىمارلارغا قارىتا يەككىلەشكەن داۋالاش تەكىتلەنگەن. سۈت بېزى راكىنى داۋالاشنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى ۋە قارىشىنى تېببىي خادىملارغىچە ئومۇملاشتۇرۇش ھەم ئۇلار ئارقىلىق بىمارلارغا نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن، 2011-يىلى فىرانسىيە سانوفى شىركىتى قوللىغان دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم داۋالاش ئورگانلىرى «مېھرىبانلىق مۇساپىسى سۈت بېزى راكى بىمارلىرىنى قوللاش تۈرى»نى يولغا قويدى، ئىككى يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سەككىز مىڭچە سۈت بېزى راكى بىمارىغا نەپ يەتكۈزۈلدى. بالدۇرقى يىللار ئاساسىدا، بۇ يىل مېھرىبانلىق مۇساپىسى سۈت بېزى راكى بىمارلىرىنى قوللاش تۈرىدە، تېببىي خادىملارنى تەربىيەلەش داۋاملىق كۈچەيتىلىدۇ شۇنداقلا بىمارلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىمۇ قاتناشتۇرۇلۇپ، تېببىي خادىملار بىلەن بىمارلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى بىرلەشكەن يەككىلەشكەن داۋالاش سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، بىمارلارنىڭ ئوخشىمىغان تەلىپىگە ئاساسەن، مۇناسىپ داۋالاش ۋاسىتىسى، پەرۋىش لايىھەسى ۋە روھىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە