باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يائەندە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا قائىدە-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق 10 دېلو تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2013.05.13 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي يائەندىن بەرگەن خەۋىرى: 20-ئاپرېل لۇشەندە قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، يائەن شەھىرى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئىشىغا قارىتىلغان نازارەتچىلىك ۋە تەكشۈرۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. 10-مايغىچە، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا قائىدە-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق 10 دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

  تىپىك دېلو مۇنۇلار: يىڭجىڭ ناھىيەسى ۋۇشيەن يېزىسى دوۋزىشەن كەنتى فېڭجياۋەن گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەي چېڭفاڭ ئاپەتكە ئۇچراپ قىيىنچىلىقتا قالغان ئاممىنىڭ ۋاقىتلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئاشلىقىنى يۆتكەش پۇلىغا ئۆزگەرتىۋالغانلىقتىن، ئۇنىڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن؛ باۋشىڭ ناھىيەسى مىڭلى يېزىسى بەيلى كەنتى پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن شۆلىن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تارقىتىش جەريانىدا باشقۇرۇش-نازارەت قىلىشنى چىڭ تۇتماي، كەنت ئاھالىسىنىڭ كەنت پائالىيەت ئۆيىنى ئورىۋېلىش دېلوسىنى پەيدا قىلغانلىقتىن، ئۇنىڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن. (ۋاڭ مىڭفېڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە