- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئېلىمىز سلانېتس گازى ئېچىش تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى
2013.05.13 13:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىككى يىلدىن ئارتۇق پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، ئېلىمىز نۆۋەتتە مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە سلانېتس گازىنى قېزىش يۈرۈشلۈك قۇرۇلۇش تېخنىكىسىغا دەسلەپكى قەدەمدە ئىگە بولدى، بەش جەھەتتىكى مۇھىم تېخنىكىدا بۆسۈش ياساپ، چەتئەللەرنىڭ تېخنىكا مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، قېزىش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى شۇنداقلا قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە قېدىرىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى ھەسسىلەپ ئۆستۈردى. سلانېتس گازى-مۇنتىزىمسىز تەبىئىي گازنىڭ بىر خىلى. ئېلىمىز تەبىئىي گاز تەمىناتىنىڭ يېتىشمەسلىك بوشلۇقى ئۆزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان ئەھۋالدا، مۇنتىزىمسىز تەبىئىي گازنى ئېچىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى كۈنسايىن گەۋدىلەنمەكتە.
جۇڭگو نېفىت-خىمىيە قۇرۇلۇشى تېخنىكا تەتقىقاتخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2010-يىلىدىن بۇيان، پەن تەتقىقات ئۆمەكلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالتە پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرىنى ھۆددىگە ئېلىپ، يېقىنقى مەزگىلدە قۇدۇق قېزىش قوراللىرى، بۇرغىلاش ئەسۋابى، يادرولۇق ياردەمچى سۇيۇقلۇقنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم بۆسۈش ياسىغان؛ بۇندىن باشقا، پەن تەتقىقاتچىلار يەنە ئېلىمىزنىڭ سلانېتس گازى بىلەن ئامېرىكىنىڭ بەش چوڭ ئويمانلىقىدىكى سلانېتس گازىنىڭ پەرقىنى سىستېمىلىق تەھلىل قىلغان ھەم قۇدۇق قازىدىغان ماشىنا ئادەمنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەتقىقات تۈرىنى باشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىزدە 190 تىرىليون كۇب مېتىرچە مۇنتىزىمسىز تەبىئىي گاز بولۇپ، زاپىسى ناھايىتى مول ئىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە