باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ تيېنەن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلدى

2013.05.13 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

شىنخۇا تورىنىڭ تۈنۈگۈن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇخبىرمەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىگەن: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇتيېنەن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتە تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلىۋاتىدۇ. بۇلتۇر 12-ئايدا، داڭلىق تاراتقۇ ئەربابى، «مالىيە-ئىقتىساد» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى لو چاڭپىڭ ئۆز نامىدىكى مىكروبلوگدا شۇ ۋاقىتتا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىدە تۇرۇۋاتقان ليۇ تيېنەننىڭئوقۇش تارىخىغا ساختلىق ئىشلىتىشكە دائىر ئۈچ جەھەتتىكى مەسىلىسىنى پاش قىلغان. دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى شۇ كۈنىلا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ سېپى ئۆزىدىن بىر بوھتان دېگەنىدى.


مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە