باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سۈرىيە ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن غۇلاپ چۈشمىدى؟(1)

2013.05.13 11:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 7-ماي، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنسىتىرى لافروف بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررى سۆھبەتتىن كىيىن مۇنۇلار بىلدۈردى: روسىيە بىلەن ئامېرىكا سۆھبەت ئارقىلىق سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، شۇنداقلا بارلىق تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئۆكتىچى كۈچلەرنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كىلىدۇ.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە بىرلەشمە ئالاھىدە ۋەكىلى ئىبراھىم بۇ ئۇزۇندىن بىرى سۈرىيەدىن ئىبارەت بۇ بەختسىز دۆلەتكە نىسپەتەن تۇنجى ئۈمىدگە تولغان خەۋەر دېدى.

  يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، سۈرىيە مەسىلىسى ئىزچىل كەسكىنلىشىشكە باشلىدى:

  ئوبامانىڭ بۇندىن بۇرۇن بىكىتكەن قىزىل سىزىقى ئاتلاپ ئۆتۈلدى، خەلقئارا جەمئىيەت سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەردىن قايسىسىنىڭ خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىگە قارىتا ئىزچىل تالاش-تارتىش قىلماقتا.

  5-ماي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خادىمى سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى كۈچلەر خىمىيىلىك قورال نېرۋا زەھەرلىگۈچى گاز سارىننى ئىشلىتىۋاتىدۇ دېدى. ئەنگىلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامىرۇن 8-ماي سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيىلىك قورال ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا ئائىت ئىسپات بايقالدى دېدى. بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئەگەر سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيىلىك قورال ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا ئائىت ئىنىق ئىسپات بايقالسا، ئۇنداقتا ئويۇن تەرتىپىنى ئۆزگەرتىمىز دېدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە