باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ناۋاز شىرىپ رەھبەرلىكىدىكى پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى پارلامېنتتا ئەڭ كۆپ ئورۇنغا ئىگە بولدى

2013.05.13 17:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 12-ماي سائەت 10 دا پاكىستان پارلامېنتى سايلىمى غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتىنىڭ ئاۋاز ھېسابلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ناۋاز شىرىپ رەھبەرلىكىدىكى پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى پارلامېنتتا ئەڭ كۆپ ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، باشقا رىقابەتچىلىرىدىن بىرقەدەر ئۈستىن ئورۇندا تۇرغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نامزات قەستكە ئۇچراش ۋە ئامانلىق ئەھۋالى ناچارلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار سەۋەبىدىن، پاكىستاندا مەملىكەت بويىچە 272 سايلام رايونىنىڭ 268 دە قەرەلىدە ئاۋاز بېرىلگەن.

  پاكىستان 11-ماي خەلق پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى سايلىمى ئۆتكۈزدى. پاكىستان خەلق پارلامېنتىدا 342 ئورۇن بولۇپ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 272 ئورۇن ئومۇمىي سايلامدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. نوقۇل كىچىك سايلام رايونى تۈزۈمىگە ئاساسەن، ھەر بىر سايلام رايونىدا ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەنلەر سايلىنىدۇ. پاكىستان يەنە ئاياللارغا 60 ، ئاز سانلىق مىللەت دىنىي گۇرۇھلارغا 10 ئورۇن قالدۇرۇپ قويىدۇ. بۇ ھەر قايسى پارتىيە گۇرۇھلار ئېرىشكەن ئومۇم سايلامدا پارلامېنتتىكى ئورۇن سانى بويىچە تەقسىملىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە