باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

2013.05.14 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، گوۋۇيۈەن 13-چىسىلا چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ، گوۋۇيۈەننىڭئاپپارات فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە سەپەرۋەرلىك قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەن 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ، ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئوبدان بىرتەرەپ قىلىپ، چۈشۈرۈشكە تېگىشلىك ھوقۇقنى چۈشۈرۈپ، باشقۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشنى ياخشى باشقۇرۇپ، بازارنىڭ سۇبيېكتلىق ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىشقا، ئەلا سۈپەتلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە، ئىجتىمائىي ئادىللىق-ھەققانىيلىقنى قوغداشقا قارىتىش كېرەك. (مۇخبىر شېڭ رويۈ)

  مەنبە خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە