- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خەينەن ئۆلكىسى ۋەننىڭ شەھىرىدىكى «ئوقۇغۇچىلار بىلەن ياتاق ئاچقان» جىنايەت گۇماندارلىرى قولغا ئېلىندى
2013.05.14 15:10 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي خەيكوۋدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 13-چېسلا خەينەن ئۆلكىسى ۋەننىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «ئوقۇغۇچىلار بىلەن ياتاق ئېچىش» ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئىككى نەپەر جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغان، شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى مۇددەتتىن بۇرۇن تەكشۈرۈشكە كىرىشكەن.
ۋەننىڭ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بۈگۈن پارتگۇرۇپپا يىغىنى چاقىرىپ، «ئوقۇغۇچىلار بىلەن ياتاق ئېچىش» ۋەقەسىگە چېتىشلىق مۇشۇ شەھەردىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى چېن XXنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پىسخىك تەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئەۋەتىپ، ۋەقەگە چېتىشلىق 6 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا تەربىيە ئىشلىگەن. (خۇاڭ شياۋخۇي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە