باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«2012-يىلىدىكى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىندى

2013.05.14 16:32         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ‹‹2012-يىلىدىكى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى›› ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

  جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا كىردى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 14-ماي تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 14-ماي ‹‹2012-يىلىدىكى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى›› ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مەملىكىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى. ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى پىلانلىق، پۇختا ۋە ساغلام تەرەققىي قىلغان، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان يېڭى باسقۇچقا كىردى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگودىكى ھەردەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتى. ‹‹كىشىلىك ھوقۇق››قا ۋارىسلىق قىلىش ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىغا، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسىگە تەنتەنىلىك كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، 2012-يىلى 11-ئايدا چاقىرىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 18-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا يەنە ‹‹كىشىلىك ھوقۇق ھەقىقىي ھۆرمەتكە ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش››نى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتكەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى يەنە ‹‹دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى پىلانى (2009 ~ 2010-يىلى)›› ۋە ‹‹دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پىلانى (2012 ~ 2015-يىلى)››نى ئېلان قىلغان ھەمدە ‹‹دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى پىلانى (2009 ~ 2010-يىلى)››نىڭ ئەمەلىيىشىش ئەھۋالىغا قارىتا باھالاش ئېلىپ بارغان. جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى پىلانلىق، مۇقىم، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا كىردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە